جەڭگاھ2ئويۇننىڭ مەملىكەت ئىچىدە توردا ئويناش ئۇسۇلى | -
سىزنىڭ ئورنىڭىز: بىلوگخۇمارتورى PCئىسىل ئۇيۇنلىرى, ئۇنىۋېرسال يازمىلار يازمىنى ئوقۇش

جەڭگاھ2ئويۇننىڭ مەملىكەت ئىچىدە توردا ئويناش ئۇسۇلى

[ PCئىسىل ئۇيۇنلىرى | ئۇنىۋېرسال يازمىلار ]  

بۇ ئويۇنىڭ توردا ئويناش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇشتىن بۇرۇن بۇ ئويۇنىڭ زادى قانداق ئويۇن ئىكەنلىكىنى بىر تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي!
بۇ ئۇيۇن DICEگۇرپىسى تەرپىدىن ئېشلىنىپ، ئامىرىكىدا 2005يىلى تارقىتىلغان بولۇپ ،بىرىجى شەخىس ئېتىشىش تۇرىدىكى ئۇيۇن .جەڭگاھ 2بولسا جەڭگاھ تۈرىدىكى ئويۇنلار ئىچىدە 3-مەھسۇلات بولۇپ ،ئۇيۇن ئارقا كۆرۈنۈشى تارىخى ئۇرۇش مەيدانىدىن ھازىرقى زامان ئۇرۇش مەيدانغا يۆتكەپ كېلىنگەن. ئۇيۇن ئۇينغۇچىلار ئۇيۇن جەريانىدا ئىشلەتكەن قوراللار ،قاتناش ۋاستىلىرى ھەممسى ئەمەللىي تۇرمۇشتىن ئېلىنغان .جەڭگاھ 2ئۇيۇنى ئالدىنقى ئويۇنلارغا قارىغاندا كۆرۈنۈش ،ئاۋاز ئۈنۈمى ، ھەرىكەت جەھەتلەردە ئالاھىدە ئىلگىرلەش بولۇپ ھەتتا ئۇيۇنغا قوماندانلىق قىلش سېستىمىسى ۋە كىچىك گۇرپىلارغا بۆلۈنۈپ جەڭ قىلىش سېستىمىسى كىرگۈزۈلگەن .بۇنداق بولغاندا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەت ئىلگىرى سۈرۈلگەن .
ئۇيۇن تۈرلىرى :
1.كۈچ سىنىشىش تۈرى‏‏‏- بۇتۈر ئۇمۇملاشقان بويسۇندۇرۇش تۈرى بولۇپ ،ئۇيۇندا سىز خالىغان بىر دۆلەتنىڭ ئەسكىرى بولۇپ مەيدانغا چۈشۈپ باشقا دۆلتنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن بازا تالىشىسىز ، ھەم 6تە ئادەم بىر گۇرپا بولۇپ بىرلكتە جەڭ قىلىسىز .
2.قوماندانلىق قىلىش سىستىمىسى : ئۇيۇن جەريانىدا ھەرقايسى جەڭ قىلغۇچى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ،ھەر ئىككى تەرەپ بىردىن قوماندان سايلاپ چىقىدۇ ،سىز ئۇيۇنغا كىرىپ مەلۇم بىر گۇرپىغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن شۇ گۇرپىغا كىرىش كۆزىكىدىن قوماندان بولۇشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ،ئەگەر كۆپ ئادەملەر تەلەپ قىلغان بولسا ئۇنىۋانى ئەڭ يۇقىرى ئەسكەر قوماندانلىقا تالىنىدۇ .قوماندان بولغۇچى سۇنىي ھەمرا تەمىلگەن جەڭ مەيدانى خەرتىسىدىن جەڭ مەيدانىڭ ھەممە بۇلۇپ پۇچقاقلىرىنى كۆزۈتۈپ تۇرىدۇ ،ھەمدە ھەر قايسى گۇرپىلارنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ئوت كۈچى ،ئوق دورا ، قاتناش ۋاستىسى قاتارلىق ياردەملەر بىلەن تەمىلەيسىز ،ھەممدە ھەرقايسى گۇرپىلارنىڭ قەيەرلەرگە ھۇجۇم قىلىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرىسىز ،ئەگەر ياخشى قوماندانلىق قىلالمىسىزڭىز ھەرقايسى گۇرپا ئەزالىرى سىزگە قارشى بىلەت تاشلاپ ،قوماندانلىقتىن ئېلىپ تاشلايدۇ.
3.گۇرپىغا بۆلۈنۈپ بىرلىكـە جەڭ قىلىش :بۇ ئۇيۇندا سىز خالىغان بىر گۇرپىغا قاتنىشالايسىز ،ھەر بىر تەرەپ ئەڭ كۆپ بولغاندا 10گۇرپپا تەشكىل قىلالايدۇ ،ھەر بىر گۇرپپا ئەزالىرى بىرلىكـتە ھەمكارلىشىپ دۇشمەنگە زەربە بېرىپ بازا ئىگەلەيدۇ ،ھەر بىر خەرتىدە نۇرغۇن بازىلار بار ،شۇ بازىلارنى ئىككى تەرەپ قۇشۇنلىىرى تالىشىدۇ .كىم ئەڭ كۆپ بازا ئىگەلىسە شۇ تەرەپ غەلبە قىلىدۇ .
4.توردا ئويناش : جەڭگاھ 2ئۇيۇنى 64ئادەم بىر ۋاقىتتا بىر خەرىتىدە ئويناشنى قوللايدىغان بولۇپ ،16.32 64كىشلىك خەرتىلەر بىلەن تەمىلەيدۇ .بۇ ئۇيۇن PunkBusterساختىلىققا قارشى تۇرۇش سىسىتىمىسى ئىشلەتكەن بولۇپ ،توردا ئويناش ئۈچۈن چوقۇم PBقىممىتىنى ئەڭ يىڭى نەشىرىگە كۆتۈرۈشى كېرك .
5.نۇمۇر :توردا ئويناش جەريانىدا ئۆلتۈرگەن ئادەم سانى .سىز ئىگەلگەن بازا سانى ،سىز قۇتقۇزغان ئادەم سانى ،سىز ئوق دورا بىلەن تەمىلىگەن ئادەم سانى قاتارلىقلارغا قارتا نۇمۇر بېرىلىدۇ ھەم مۇناسىپ ھالدا دەرجىڭىز ئۆسىدۇ ،ياخشى ئوينىسىڭىز ئاخىرىدا كېگنىرال دەرجىسىگە بېرىشىڭىز مۇمكىن !
6.تور بولمىسىمۇ ئوينىغىلى بولىدۇ:ئادەتتە تور بولمىسا كومپىيوتىر ئادەم بىلەن ئويناشقىمۇ بولىدۇ ،ھەم بىر نەچچە كومپىيوتىر بىرلىشىپ تورخانىدا ئويناشقىمۇ بولىدۇ .

ئۇيۇن ئارقا كۆرۈنۈشى :
جەڭگاھ 2ئۇيۇنىدا ئاساسلىقى دۇنيادىكى بايلىقلار خوراپ خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسكىنلەشكەن ۋەزىيەت ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ ،ئامىرىكا ،جوڭگو ۋە ئوتترا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن

ئەڭ ئالدى بىلەن جەڭگاھ 2ئۇيۇنىڭ ھازىرقى ئەڭ يۇقىرى نەشىرىنى كوپىيۇتىرمىزغا چۈشۈرىمىز .
چۈشۈرۈش ئادىرسى :
http://down.gougou.com/down?cid=9867F1A1D5E961696E49E2A9CBD60427818AC269
بۇ بەتكە كىرىپ چاقماقتىن چۈشۈرۈش دېگەن خەتنى باسسىڭىز بىرئاز ساقلىسىڭىز چاقماق ئىچىلىپ ئويۇنى چۈشۈرۈش كۆزنىكى ئىچىلىدۇ ،سىز چۈشۈرمەكچى بولغان ئورۇنى تاللاپ ،مۇقۇملاشتۇرۇشنى باسىڭىز ئويۇن چۈشۈشكە باشلايدۇ.
ئەسكەرتىش :ئۇيۇنىڭ چوڭ كىچىكلىكى 3.10GB،كومپىيۇتىرىڭىزدا يىتەرلىك بوشلۇق بولىشى كېرەك ،ھەم چۈشۈرۈش يۇمشاق دېتالى چاقماق بولۇشى شەرت.

ئەمدى بىز cdkeyھېساپلىغۇچنى چۈشۈرىمىز،چۇنكى ئويۇنى قاچىلىغان ۋاقىتا بىزدىن cdkeyقاچىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ ،بىز بۇ دېتالدىن پايدىلىنىپ CDKEYھاسىل قىلىپ ،تەلەپ قىلغان كاتەكچىگە تولدۇرىمىز.
چۈشۈرۈش ئورنى:

http://u.115.com/file/dnjg33l7

电信下载دېگەنى باسسىىڭز چاقماقتا چۈشىدۇ.بۇ ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ پىرىسىتن يەشسىڭىز ئۈچ ھۆججەت بار،بۇلار :
BF2CDChange بۇ بولسا cdkeyچىقىرىپ بىرىدىغان دېتال
BF2CDKeyCheck加密器 بۇ بولسا سىز تالىغان CDKEYنى مۇقۇملاشتۇرغۇچ
战地2序列号生成器 بۇ بولسا سىز تالىغان cdkeyنى ئويۇنغا ئاپتۇماتىك ھالدا كىرگۈزۈپ بېرىدۇ.
BF2tool بۇ بولسا سىز تالىغان cdkeyنىڭ توغرا ياكى خاتالىقغا ھۆكۈم قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش:بۇ دېتالىنى پىرىستىن يەشكەندە يېشىش ئورنىنى چۇقۇم سىز ئويۇن قاچىلىغان ھۆججەت ئىچىگە قاچىلايسىز.
ئەمدى ئىشلىتىش جەريان مۇنداق :
ئالدى بىلەنGenerateنى قوش چىكىپ قوزغىتىمىز،ھەمGenerateدېگەن خەتنى باسساق ،ئوتتۇردىكى سان سىپىرلار ئالمىشىدۇ،كۆڭلىمىز خالىغاننى بىراقلا كۆچۈرۈپ ئالىمىز.رەسىمى مۇنداق :

ئاندىن BF2CDchangeدېگەنى قوش چىكىپ ئېچىپ بىز بايا كۆچۈرۈۋالغان سان سىپىرلارنى چاپلايمىز. ئاۋۇ key دېگەن يەرگە.

ئوڭۇشلۇق بولسا تۆۋەندىكىدەك رەسىم چىقىدۇ:

ئاندىن BF2CDKEYCHECKدېگەن بىز باشتا تۇنۇشتۇرغان cdkeyنى مۇقۇملاشتۇرغۇچنى قوش چىكىمىز،پەقەت بىر قېتىملا قوش چەكسەك بولدى ،ئارتۇق چەكمەڭ ،بىر قېتىم قوش چەكسىڭىز بولدى.
ئاندىن بۇ بىز تالىغان cdkeyئويۇنغا يېزىلدىمۇ بۇنى تەشكۈرىمىز،ئۇسۇلى مۇنداق :
BF2TOOLدېگەنى قوش چىكىپ ،چىققان رامكىدىكى خەتكە قارايمىز.

خاتالىق ئۇچۇرى چىقمىسا،بۇ ئىشلار ئۇتۇقلۇق بولغان بولىدۇ.
جەڭگاھ2ئويۇنىدا ساختىلىق قىلىشقا قارشى يۇمتال ئىشلىتىلگەن بولۇپ ،ھەر قانداق ئادەم ئويۇن جەريانىدا ساختىلىق قىلالمايدۇ،توردا ئويناش ئۈچۈن بۇ يۇمتالنى چۇقۇم قاچىلاش كېرەك ،بولمىسا ئويۇن ئوينىيالمايسىز .بۇ دېتالنىڭ ئىسمى pb،بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ ،ئويۇن قاچىلىغان ھۆججەت ئىچىگە قاچىلاپ،ئاندىن تۆرەندىكىدەك مەشغۇلاتلاردىن كېيىن pbنىڭ دەرجىسىنى ئەڭ يۇقىرى دەرجىگە كۆتۈرۈپ .ئويۇنى توردا نورمال ئوينايسىز .

چۈشۈرۈش ئورنى:

http://www.evenbalance.com/index.php?page=pbsetup.php

بۇ بەتكە كىرىپ windows 3.4دېگەن خەتنىڭ يىنىدىكى for AIIwindows Gamesدېگەن سېرىق خەتنى باسىمىز .
ئاندىن ئېچىلغان بەتىكى security coodeدېگەن خەتنىڭ يىنىدىكى كاتەكچىگە يىنىدا چىقىپ تۇرغان ھەرىپلەرنى توغرا يىزىپ ،ئاستى تەرەپتىكى Download NOWدېگەن خەتنى باسساق بۇ دېتال چۈشۈشكە باشلايدۇ.بۇ دېتالنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە :
بۇ دېتالىنى چۈشۈرۈپ ،پىرىستىن يەشكەندە يېشىش ئورۇننى بىز ئويۇن قاچىلىغان ھۆججەت رامكىسى ئىچگە پىرىسىتن يىشىمىز ،ياكى باشقا يەرگە پىرىستىن يىشىپ ،چىققان ھۆججەتنى بىز ئويۇن قاچىلىغان ھۆججەت ئىچىگە كۆچۈرۈپ ئەكىرىمىز.
بۇ دېتالنى پىرىستىن يەشسەك PBدېگەن ھۆججەت ھاسىل بولىدۇ،بۇنى ئويۇنىڭ باش ھۆججىتى ئىچىگە قۇيۇپ ،ئاندىن بۇ PBدېگەن ھۆججەتنى ئاچىمىز.ئاندىن ھۆججەت ئىچىدىكى pbsetup.exeدېگەن ھۆججەتنى قوش چىكىمىز. رەسىمدىكى قىزىل بەلگە قۇيۇلغان شۇ !

pbsetup.exeدېگەن ھۆججەتنى قوش چەكسەك ،تۆۋەندىكىدەك رامكا چىقىدۇ،ئاندىن I Agreeدېگەن خەتنى باسىمىز.

ئاندىن ئۈستى تەرەپتىكى Add a Gameنى باسىمز.

بۇنىڭدىن Battle field2دېگەننى تالايمىز.

ئاندىن تۆۋەندىكى رامكا چىقاندا سىز بۇ ئۇيۇنى قايسى قاتتىق دېسكىغا قاچىلىغان بولسىڭىز شۇ قاچىلىغان دسكا ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىپ okباسىسىز.

ئاندىن تۆۋەندىكى رامكا چىقىدۇ،سىز باشتا Battle field2 E/bf2دېگەن يەرنى چىكىپ يۇرۇتۇپ ئاندىن check for updatesدېگەن خەتنى باسىسىز،ئەسكەرتىش Battle field2 E/bf2دېگەن يەردىكى E/BF2دېگەن سىزئويۇنى قاچىلىغان ئورۇنىڭ نامى ،سىز قايسى قاتتىق دېسكىغا قاچىلىغان بولسىڭىز Eئورنىغا شۇ ئالمىشىدۇ،پەقەت باشتا سىز ئويۇن قاچىلىغان ئورۇنى توغرا كۆرسۈتۈپ بەرگەن بولسىڭىز كۇپايە.

بۇنىڭدىن كېيىن كومپىيۇتىرڭىز قېتىپ قالغاندەك بولۇپ قالىدۇ ،ھېچ گەپ يوق ،بىر ئاز ساقلىسىڭىز pbنى يۇقىرى دەرجىگە كۆتۈرۈش باشلىنىدۇ.

يىڭىلاش تاماملانغاندىن كېيىن مۇقۇملاشتۇرۇش دېگەن خەنزۇچە خەتنى باسىڭىز بولدى.

ئاندىن Quitدېگەن خەتنى بىسىپ چىكىنىپ چىقىسىز .

ئاندىن ئويۇنغا كىرىپ pbنىڭ قوزغىتىلغانلىقىغا قاراپ باقسىڭىز بولدى ،تۆۋەندىكى رەسمدىكىدەك بولسا ،pbنىڭ دەرجسىنى ئۆرلىتىش ئۇتۇقلۇق بولدى دېگەن گەپ ،سىز جەڭگاھ2ئۇيۇنى توردا ئويناشقا يەنە بىر قەدەم يىقىنلاشتىڭىز .ئەسكەرتىش :قىزىل سىزىق ئىچىگە قاراڭ!

1.ئالدى بىلەن ئويۇنى چۈشۈرىمىز .
2.ئاندىن cdkeyھېساپلاش دېتالىنى چۈشۈرىمىز ،
3.ئۇيۇنى قاچىلايمىز ،قاچىلاش جەريانىدا سىزدىن cdkeyنى كىرگۈز دەپ سورايدۇ،سىز بايا چۈشۈرگەن cdkey ھېساپلىغۇچنى پىرىستىن يېشپ قاچىلاپ،بۇلارنىڭ ئىچىدىكى Generateنى قوش چىكىپ قوزغىتىمىز،ھەمGenerateدېگەن خەتنى باسساق ،ئوتتۇردىكى سان سىپىرلار ئالمىشىدۇ،كۆڭلىمىز خالىغاننى بىراقلا كۆچۈرۈپ ئالىمىزدە بايا cdkey تەلەپ قىلغان جايغا تولدۇرىمىز .
ھەممە ئىشلار ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئويۇنى قوزغىتىپ ئويۇنغا كىرىمىز ،ئويۇنغا كىرسەك ،تىزىملىتىدىغان ئورۇن چىقىدۇ ،يەنى ھسابات تۇرغۇزۇش دېگەن ،بۇنىڭغا بىر سىزنىڭ ھەقىقي خەت ساندۇقىڭىز كېتىدۇ،ھەم ئۇيۇندا ئىشلىتىدىغان ئىسمىڭىز ،مەخپى نۇمۇر قاتارلىقلارنى تولدۇرۇپ ،بىر ئاز ساقلايسىز ،ساقلاشتا بەك ھۇرۇنلۇق قىلماڭ ،بىرئاز ۋاقىت كېتىدۇ ،چۇنىكى EAنىڭ مەركىزى بىتىگە ئۇلۇنۇپ ،سىزنىڭ ھسابات نۇمىرىڭىز تۇرغۇزۇلغۇچە خېلى ۋاقىت كېتىدۇ، تېزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن كۆپ ئادەملىك دېگەنى تاللاپ مۇلازمىتى ئىزدەش دېگەن يەرگە HERO,SAGAKدېگەن خەتلەرنىڭ خالىغان بىرنى تاللاپ كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىز ،دۆلەت ئىچىدىكى ھەقسىز ئەڭ ياخشى مۇلازىمىتىلار كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىىدۇ،ئۇرۇن بار بىر مۇلازىمىتىرنى تالاپ كىرىپ ئوينىسىڭىز بولدى ….
ئاخىردا سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن دوستۇم ئەڭ ياخشى ئويۇنىڭ توردا ئويناش ئۇسۇلنى بىلىۋالدىڭىز …ئىسىل ئويۇن…ھەم ھەقسىز دەڭڭە!

كۆپچىلىك دىققەت ، 4 نەپەر ئۆتكۈر كۆز بۇ يازمىغا كۆز تاشلىدى!
  • بۇبىلوگ ھەپتىدە بىريېڭېلنامدا :shock: :?:

    بۇ تورداش ئاللىقاچان تاللا بازىرىنىڭ 1 قەۋەتتىكى خاس ۋەكىلى بولۇپ بولدى! [2011-7-4 14:38] 
  • ياخشى چۈشەندۈرۈش بوپتۇ.
    بۇ ئويۇننى ئىلگىرى بەك ئوينايتىم،ھازىر ئوينىغىملا كەلمەس بولوپ كەتتى….

    بۇ تورداش ئاللىقاچان تاللا بازىرىنىڭ 2 قەۋەتتىكى خاس ۋەكىلى بولۇپ بولدى! [2011-7-9 07:18] 
  • سىزنىڭ بىلوگ يىزىش قابىليىتىڭىز خىلىلا يۇقۇرى ئىكەن، بۇنداق جاپا تارتىپ ھەقسىز بوشلوقتا بىلوگ يىزىش ئانچە ياخشى ئىش ئەمەس.
    مەندە بىر ئىسىم(jahanbeg.comجاھان بەگ) ھەمدە جوڭگونىڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك بوشلوقى بار، ئۇ بىكار تۇرسىمۇ تۇرىدىكەن، سىزگە بوشلۇق ئىسىمنى بەرسەم، خالىسىڭىز بىلوگىڭىزنى شۇنىڭغا كۆچىرۋالسىڭىز قانداق؟ مىنىڭ ئارتۇقچە تەلىپىم يوق، پەقەت بىلوگىڭىز ئويۇن ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىنىڭ(hawaskar.net) بىر تارمىقى سۈپىتىدە ئىلان قىلىنىدۇ، بىلوگقا ئىلان قويساق ئىلان كىرىمىنى 50% دىن ئۈلىشىمىز، ئىلان قويۇشنى خالىمىسىڭىز قويمىساقمۇ بولىدۇ. ئەسلى ئۆزۈمنىڭ بىر بىلوگ ئاچقىم بار ئىدى، بىراق ئويۇن ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىنى باشقۇرۇشقا ئاران يىتىشگىدەكمەن.
    خالىسىڭىز پىكىرىمنى ئويلىشىپ QQ:632985072 غا خەت يىزىڭ!

    بۇ تورداش ئاللىقاچان تاللا بازىرىنىڭ 3 قەۋەتتىكى خاس ۋەكىلى بولۇپ بولدى! [2011-7-9 07:30] 
  • ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ!

    بۇ تورداش ئاللىقاچان تاللا بازىرىنىڭ 4 قەۋەتتىكى خاس ۋەكىلى بولۇپ بولدى! [2011-9-3 13:17] 
دوستۇم ،يازغان باھايىڭىزنى كۆرسەم ،يازما يازغان جاپايىمغا لايىق خوشاللىقا ئىگە بولىمەن!





باھا مەزمۇنى (چوقۇم تولدۇرىسىز):
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)