ئەڭ يىڭى ئۇيۇن ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەش مەركىزى | -
سىزنىڭ ئورنىڭىز: بىلوگخۇمارتورى ئۇنىۋېرسال يازمىلار يازمىنى ئوقۇش

ئەڭ يىڭى ئۇيۇن ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەش مەركىزى

[ ئۇنىۋېرسال يازمىلار ]  

ئەڭ ئىسىل ئۇيۇنلارنى ئويناش ئارزۇسى بار ھەم ئۇيناۋاتقان دوستلارغا تەۋسىيە
ئويۇنخۇمار دوستلار ھازىر پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققي قىلىپ ،بۇرۇن مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار ئەمدى مۇمكىن بولدىغان بولدى ،كىچىك چاغلاردا مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن خوشنا مەھەللدىكى بالىلار بىلەن ئوغرى ساقچى ،ئېتىشىش قاتارلىق ئويۇنلارنى ئوينايتۇق ،ئويناپ ئويناپ قاراڭغۇ بولۇپ ئاتا-ئانىمىز ئەنسىرەپ چاقىرغىچە ئۆزىمىزنى بىلمەي ئويناپ كېتەتتۇق ،مانا ئەمدە بۈگۈنگە كەلگەندە csقاتارلىق ئۇيۇنلار چىقىپ ئۆيدە ئولتۇرۇپ پۇتۇن دۇنيادىكى ئادەملەر بىلەن ئوغرى ساقچى ئويۇنى ئوينايدىغان بولدۇق ،ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇنلارنىڭ تەرەقىقىياتتى يېقىنقى يىللاردا ناھايىتتى تېز بولدى ،ئۇيۇنلانىڭ تۈرىمۇ كۈندىن كۈنگە كۆپەيدى ھەم مەزمۇن جەھەتتە خىلىمۇخىللاشتى،بۇ تۇردىكى ئويۇنلار سۈرەت،ئاۋاز تېخنىكىسى جەھەتتە تېخىمۇ ئىلغارلىشىپ ،ھەتتا سۈرەت كۆرۈنۈشى جەھەتتە كىنولاردىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىگە يەتتى ،ھەتتا بەزى ئويۇنلار دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن فىلىملەردىن نەچچە ھەسسە ئىسل بولۇپ كەتتى ،ئەمدى مەسىلە بۇ خىل ئىسىل ئەسەرلەردىن بىر ئۇيغۇرلار ھۇزۇرلاندۇقمۇ؟
مەن ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن تارتىپ كومپىيۇتىر بىلەن تۇنۇشۇپ تۇنجى ئوينىغان ئېتىشىش تۈرىدىكى ئۇيۇن شەرەپ مىدالى ئىدى ،شۇ چاغلاردا باشقىلارنىڭ ئويناپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدىم ،كېيىن مەنمۇ بۇ ئۇيۇننى ئويناپ تۈگەتىتم، بارلىق نەشىرىنى تېپىىپ ئويناپ ئاخىرىغا چىقاردىم ،كېيىن مەجبۇرىيەت چاقىرىقى ،جەڭگاھ،يىگانە ئارادىكى كىرىزىس،ھۈجەيرە بۈلۈنمىسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئويۇنلارنى ئۇيناپ تۈگەتىتىم ،بىلمىگەن يەرلەرنى باشقا تور بەتلەردىن جاۋاپ تېپىپ ،ئاخىرغىچە ئويناپ تۈگەتىتم ،بۇ جەرياندا نۇرغۇن نەرسلەرنى بىلىۋالدىم ،بىر ئىسىل ئويۇن سىزنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىڭىزنى ،نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتىپ ،سىزنى ئوخشىمغان بىر دۇنياغا باشلاپ كىرىدۇ.
دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن بۇ خىلدىكى ئىسل ئويۇنلار چىقىشى بىلەن نۇرغۇلىغان خەنزۇ تورداشلار بىرلىكتتە بىر نەچچە كۈنگە قالماي بۇ ئويۇنلارنى خەنزۇ تىلىغا ئۆرۈپ ،كەڭ خەنزۇ تورداشلارنىڭ بۇ ئويۇنلارنى توسقۇنسىز ئويناپ ھۇزۇر ئېلىشىغا شارائىت يارتىپ بېرىۋاتىدۇ ،ئەمدى ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا بۇخىل ئويۇنلارنى ئۇيغۇرچلاشتۇرۇپ تارقىتىش ئىشى تېخى باشلانمىدى ،ھەم باشلىنىشىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئوخشايدۇ،ئۇيغۇر بالىلار ئىچدە ئۇيۇن ئويناشقا ئامراق تورداشلار ناھايىتى كۆپ ،نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئوينىغۇسى بولسىمۇ بۇ جەھەتتە ياردەمگە ،يول كۆرسۈتۈشكە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئارزۇ ئارمانلار يوققا چىقىۋاتىدۇ،خەنزۇچە تور بەتلەردىن ماتېرىيال ئىزدەي دېسە خەنزۇچە سەۋىيەنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن ئىزدىگەن نەرسىگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ ،مەن بۇ ئىشلارنى كۆزدە تۇتۇپ ،ئۆز بىلوگىمدامەخسۇس بىر بەت قۇرۇپ ،ئەڭ ئىسل ئۇيۇنلارنى ئويناۋاتقان شۇنداقلا ئويناش ئارزۇسى بار تورداشلارغا بىر سەھنە ھازىرلاپ بېرىشنى توغرا كۆردۇم ،سىز بۇ يەردە سىز ئوينىماقچى بولغان ئويۇنى دېسىڭىز مەن سىزگە تېپىپ بېرىمەن ،ئويناش ئۇسۇلى ،قاچىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قىينالسىڭىز مەن سىزگە ياردەم قىلىمەن ،مەيلى قانداقلا بولسۇن قانداق سۇئالىڭىز بولسا مەن سىزگە جاۋاپ تېپىىپ بېرىمەن،مەن بىلمىسەم سىزگە .ئۈچ كۈن .ئىچىدە جاۋاپ تېپىىپ بېرىمەن ….
دوستلار بىزمۇ بۇ يەرشارىدا باشقىلارغا ئوخشاش ياشاۋاتقان بىر قەۋىم ،قولىمىزدىن بۇنداق ئىسىل ئۇيۇنلارنى ئىشلەپ چىقىرىش كەلمىسىمۇ ،بۇ ئۇيۇنلار يەرشارىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئەقىل پاراستنىڭ مەھسۇلاتتى،بۇ بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بايلىقى ،شۇنداق بولغانكەن بىزنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاش بۇ ئىسىل مەنىۋى ئۇزۇقلاردىن ھۇزۇرلىنىش ھوقۇقىمىز بار ،باشقىلار ئوينىغان ئۇيۇنلارنى بىزمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينىساق بولىدۇ،بۇ بىزنىڭ ھوقۇقىمىز ،تىرىشساق ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىشلار يوق ،بەلكىم نەچچە يىللاردىن كېين بۇ ئىسىل ئويۇنلار ئۇيغۇرچىلاشتۇرلار،بەلكىم بىزنىڭ ئەۋرىمىزنىڭ ئەۋرلىرى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا دۇنيادىكى ئىسىل ئۇيۇنلارنى ئىشلەپ،باشقىلار بۇ ئۇيۇنلارنى ئۆز تىلىغا تەرجىمە قىلار …
ئاخىردا ئويۇنخۇمار دوستلارنىڭ ھەم ھەۋەسكارلارنىڭ مىنىڭ بۇ ئارزۇيۇمنى قوللاپ بېرشنى ئۈمىدى قىلىمەن ،يەرشارىدا باشقلارغا ئوخشاش ياشاۋاتقاندىكىن،ئەڭ ئىسىل نەرسلەردىن بىزنىڭمۇ ھۇزۇرلىنىش ھۇقۇقىمىز بار . ئازىراق ۋاقىت ئاجىرتىپ ئويۇن ئويناش ئەقىلي قابىلىيىتىڭىزگەپايدىلىق ،مۇشۇ ئۇيۇن ئارقىلىق بولسمۇ ئازغىنە ئارزۇ ئارمانلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ !
دوستلار قوللاپ قۇيۇشڭلارنى ئۈمىدى قىلمەن.

كۆپچىلىك دىققەت ، 0 نەپەر ئۆتكۈر كۆز بۇ يازمىغا كۆز تاشلىدى!
دوستۇم ،يازغان باھايىڭىزنى كۆرسەم ،يازما يازغان جاپايىمغا لايىق خوشاللىقا ئىگە بولىمەن!





باھا مەزمۇنى (چوقۇم تولدۇرىسىز):
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)