ئۆز تىلىدىكى كىنو فىلىم تارقىتىش مەركىزى | -
سىزنىڭ ئورنىڭىز: بىلوگخۇمارتورى ئۇنىۋېرسال يازمىلار يازمىنى ئوقۇش

ئۆز تىلىدىكى كىنو فىلىم تارقىتىش مەركىزى

[ ئۇنىۋېرسال يازمىلار ]  

پەن-تېخنىكىنڭ تەرەقىقي قىلىشىغا ئەگىشىپ ،يەرشارى مىقىياسىدا نۇرغۇلىغان مول مەزمۇن ،ئاجايىپ تەسەۋۇرغا باي كىنو-فىلىملەر كۆپلەپ مەيدانغا كەلمەكـتە،بۇ كىنو-فىلىملەر كىشلەرگە مەنىۋى زوق ئاتا قىلش بىلەن بىللە يەنە تەپەككۇر قىلش ،جەمىئىيەتنى توغرا تۇنۇش ،تەسەۋۇرنى قانداق قىلغاندا رىئاللىقا ئايلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يول كۆرسۈتۈپ بەرمەكتە،يىقىنقى يىللاردا ئىشلەنگەن مو تەسەۋۇرغا باي كىنو-فىلىملەر كەڭ يەرشارى جامائەتچىلىكىنىڭ ئالقىشغا ئېرىشپ ،كىنو-فىلىم ساھەسىدە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈدى.
ئۇنداقتا يەرشارى جامائەتچىلىكىنڭ ئەزاسى بولغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە نىمە ئشلار بۇلىۋاتىدۇ؟
ھازىر تۇرمۇشىمزدا ئېقىپ يۈگەن DVD,VCD تىپىدىكى ھەرخىل تەرجىمە فىلىملەر ،تېلىۋىزىيەدە قۇيۇلۇۋاتقان ھەر خىل تەرجىمە فىلىملەر تەرجىمە سەۋيىسى ،ئاۋاز ئۈنۈمى ،سۈرەت ئۈنۈمى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەسلى كىنونىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرجىدە ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن بولۇپ ،بۇكىنولارنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا بۇ كىنولارنىڭ يەر شارى مىقياسدا غۇلغۇلا قوزغىغان ،نەچچە يۈز مىلىيونلاپ بايلىق ياراتقان كىنو دەپ ئويلىمايسىز ،بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنڭ ئەڭ ئىسل كىنولاردىن ئۆز ئەسلى بىلەن ھۇزۇر ئېلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچىرماقتتا.
بۇ خىل تەرجىمە فىلىملەر گەرچە خەنزۇچە ،ئىنگىلىزچە سەۋىيىسى يىتەرلىك بولمىغان زور كۆپچىلىك قېرىنداشلارغا داڭلىق يىڭى فىلىملەردىن ھۇزۇرلۇنۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىلىگەن بولسمۇ ،سۇپەت جەھەتتە تەلەپنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ.تەرجىمە فىلىملەرنىڭ سۈپىتى كۈندىن كۈنگە ناچارلشىپ كېتىپ بارىدۇ .
مەن خەنزۇچە سەۋىيىسى يىتەرلىك،ئىنگلىزچە ئۈگۈنشكە قىزىقىدىغان تورداشلارنى ئۆز تىلىدىكى ئەسلى فىلىملەرنى كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلمەن،ئۆزتىلىدىكى فىلىملەر ئاۋاز ،سۈرەت تېخنىكىسى جەھەتتە كىشىگە ناھايىتتى ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ،ئەگەر شارائىت يار بەرسە يالغۇز قالغان ۋاقتىڭىزدا ياڭراتقۇنىڭ يۇقىرى ،تۆۋەن ئاۋازنى ياخشى تەڭشەپ ،يۇقىرى ئاۋازدا كۆرسىڭىز ،ھەقىقىي كىنونىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى شۇ چاغدا ھېس قىلىسىز ،خۇددى كىنوخانىدا ئولتۇرۇپ كىنو كۆرۈۋاتقاندەك ھېسىياتقا كېلىسىز .
ھازىر خەنزۇچە توربەتلەردە نەچچە يۈز ،نەچچە مىڭلىغان تورداشلار بىرلىشىپ ،يىڭى قۇيۇلغان داڭلىق فىلىملەرنى بىر نەچچە كۈندىلا خەنزۇچە خەتلىك قىلىپ تارقىتىپ ،ئنگىلىزچە ئۈگۈنۈۋاتقان ھەۋەسكارلاغا ۋە ئىنگىلىزچە بىلمەيدىغان كىنو ھەۋەسكارلىرىغا بۇ ئىسىل فىلىملەرنى ئۆز تىلىدا ھۇزۇرلىنىش پۇرسىتى يارتىپ بەرمەكتە،يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر تور دۇنياسدا ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ ،ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۈنۈمى ياخشى بولمىدى،بىر نەچچە ئادەم بىر كىنونى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ چىقىرىشقا نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ،بۇنىڭغا نەچچە يۈز ،نەچچە مىڭ ئادەم بىر مەقسەتتە تەڭ بۆلۈشۈپ ئىشلىگەندىلا ئاندىن ئۈنۈم ئاسىل قىلغىنى بولىدۇ،شۇسەۋەپتىن بۇ خىلدىكى فىلىملەرنى كەڭ كۆلەمدە ئۇمۇملاشتۇرۇش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ،مەنچە بولغاندا ئىنگىلزچە ئۈگۈنۈش ئازۇسى بارلارغا غەرپنىڭ ئىسل كىنو فىلىملىرنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تارقىتىپ ئۇلارنىڭ ئىنگىزچە ئۈگۈنۈش ھەم ئىسل كىنوفىلىملەردىن ھۇزۇرلىنىش پۇرسىتى يارتىپ بەرسەك ،يەنە بىر جەھەتتىن خەنزۇ تىلىدىكى فىلىملەرنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ تارقىتىپ ،خەنزۇچە ئۈگۈنۈۋاتقان تورداشلارنى خەنزۇچە ئۈگۈنۈش ۋە ئىسل كىنو-فىلىملەردىن ھۇزۇرلىنىش پۇرستى يارتىپ بەرسەك ،بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققاندەك ئىش بولاتتى. بەلكىم بىر نەچچە يىلدىن كېيىن بۇ ئارزۇلارمۇ ئەمەلگە ئېشىپ قالار …….
مەن بۇ ئىشلارنى ئويلاپ گەرچە ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تارقىتالمىساممۇ ئۆز تىلىدىكى نادىر كىنو-فىلىملەرنى كۆرۈش ئارزۇسى بار دوستلار ئۈچۈن بىلوگىمدا ئەڭ يىڭى .ئەڭ نادىر ،يۇقىرى سۈزۈكلىكتىكى ئۆز تىلىدىكى فىلىملەرنى چۈشۈرۈش ئادىرسى بىلەن تەمىنلەش ئويىغا كەلدىم. كەڭ كىنو -فىلىم كۆرۈشكە ھېرىسمەن دوستلارنىڭ قوللاپ بېرىشنى ئۈمىدى قىلىمەن .
يەرشاردا باشقىلارغا ئوخشاش ياشاپ يۈرۇپتىمىز ،ئۇنداق بولغاندىكىن ئەڭ ئىسل نەرسلەردىن بىزنىڭمۇ ھۇزۇرلىنىش ھۇقۇقىمىز بار ،مەيلى ئۇ ئىكران يۈزىدىكى خىيالى دۇنيا بولسۇن،بۇ بايلىقلار ئىنسانيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى ،ھەر بىر ئىنسانىڭ ھۇزۇرلىنىش ھۇقۇقى بار،مەيلى بىز چۈشۈنەيلى ،مەيلى ئىكىراندىكى سۈرەتنى كۆرەيلى …كۆردۇقمۇ …مانا بىز باشقىلار بىلەن ئوخشاش ،باشقىلار نىمە كۆرەلىسە بىزمۇ شۇنى كۆرەلەيمىز ھەم كۆردۇق …دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ،ئەڭ يۇقىرى تەسەۋۇر ،ئەڭ ئىلغار ئىدىيەلەرنى تەنقىدى ئاساستا قۇبۇل قىلىپ نەزەر دائىرىمىزنى باشقىلار بىلەن تەڭ ئورۇنغا قۇيۇپ ،بۇنىڭدىن كېيىن نىمە ئىش بولىدۇ ،قانداق نەرسىلەر تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىدۇ،قانداق يىڭى ئىدىيەلەر بارلىققا كېلىدۇ دېگەندەك كۆپتۇر مەسىلىلەرگە ئورتاق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ ،باشقىلار بىلەن ئىنسانىيەت ئەقىل بۇلىقىنڭ بۇ ئىسىل بايلىقلىرىدىن تەڭ بەھىرى ئالايلى .
ئاخرىدا تورداشلارنىڭ تەڭ ئىزدىنىپ ،بىرلىشىپ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنىڭ تۇرمۇشىمىزغا تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ ،بىزنى تىخمۇ كۆپ بايلىقلار بىلەن بەھىرلەندۈرىدىغان كۈنلەرنىڭ كېلىشى ئۈچۈن تىرشىپ ئىزدىنىشنى ئۈمىدى قىلىمەن .
مەن بىلوگمدا ھەرخىل مەزمۇندىكى يىڭى فىلىملەرنىڭ ئۆز تىلدىكى نۇسخسىنى چۈشۈرۈش ئادىرسى بىلەن تەمىنلىمەكچى ، ئەگەر ئۆزىڭىز ياقتۇردىغان كىنو-فىلىملەر بولسا ،تاپالمىغان بولسىڭز ،سۆز قالدۇرسىڭىز سىزگە مەن چۈشۈرۈش ئادىرسنى تېپىپ بېرىمەن، دوستلار ئورتاق ھەمكارلىشىپ ئەڭ ئىسل نەرسىلەردىن تەڭ بەھىرى ئالايلى ..چۇنكى بىزمۇ بۇ يەرشارىدا…

كۆپچىلىك دىققەت ، 0 نەپەر ئۆتكۈر كۆز بۇ يازمىغا كۆز تاشلىدى!
دوستۇم ،يازغان باھايىڭىزنى كۆرسەم ،يازما يازغان جاپايىمغا لايىق خوشاللىقا ئىگە بولىمەن!





باھا مەزمۇنى (چوقۇم تولدۇرىسىز):
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)