فىلىمىنڭ قىسقىچە مەزمۇنى :
ئىككى فانتازيىلىك كىنو-فىلىملەرگە،كىتابلارغا ئامراق ئەخمەق ئامىرىكىغا بېرىپ فانتازيىلىك كىتابلار كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ قايتىش سەپىرىدە ،ئامىرىكىدىكى UFOنامسىز ئۇچار جىسىم كۆپ ئۇچۇرايدىغان بىر يېزىغا بېرىپ ساياھەت قىلىدۇ،ھەم قاراڭغۇ كېچىدە راست دېگەندەك قاچقۇن تاشقى پىلانىت ئادىمى پاۋۇلغا ئۇچىراپ قالىدۇ ، بىر ئاداش قورقۇپ ئىشتىنىغا چىقىرىۋىتىدۇ،بىر چاغ تۇنۇشلۇق بەرگەندىن كېيىن بۇ ئۈچى خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسىنى باشلايدۇ ،بۇلارنى بىر ئالاھىدە خادىم قوغلاپ يۈرۈيدۇ،بۇ جەرياندا بۇلار بىر قىزچاقنى گۆرۆگە ئېلىۋالىدۇ ھەم بۇ قىزچاقمۇ بۇلارنىڭ سەپىرىگە قېتىلىدۇ ،بۇ چاغدا بۇ قىزچاقنىڭ كالىسىدا چاتىقى بار دادىسى ئالاھىدە خادىم بىلەن بىرلىشىپ بۇلارنى قوغلايدۇ ،بۇ جەرياندا بۇرغۇنلىغان قىزىقارلىق ئىشلار يۈز بېرىدۇ،پاۋۇل ئۆزنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارى بىلەن بۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى،نۇرغۇن يامان ئىشلارنى قىلىدۇ.سىز تاماكا چىكىپ ،ھاراق ئىچىدىغان ،قىزلارغا چاقچاق قىلىدىغان تاشقى پىلانىت ئادىمنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ كىنونى كۆرۈپ چىقىڭ ،تەسەۋۇر مانا مۇشۇنداق ،سىز ئويلاپ باقمىغان نەرسلەرنى باشقىلار ئويلاپ ،كىنو شەكلىدە سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن قىلدۇ، ئىسل تەسەۋۇردىن ھۇزۇر ئېلىپ قانغۇچە كۈلۈۋىلىڭ !
فىلىم نامى :تاشقى پىلانت ئادىمى پاۋۇل
قۇيۇلۇش ۋاقتى: 2011يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
فىلىم تۈرى:فانتازىيىلىك،كۈلكىلىك.